ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى جېنجۇداڭنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلدى، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززە ھەققىدىكى قارارىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى

مەنبەسى:     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-19 16:21

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى جېنجۇداڭنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى، دېدى. بايانات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانچە كەنتتىكىلەردىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلدى. لىۋان زۇڭتۇڭى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش مېخانىزمىغا ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرگە ھۆرمەت قىلمىدى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701- نومۇرلۇق قارارىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق.
يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلار باياناتچىسى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە مۇنداق دېدى: قۇسەي قوراللىقلىرى «پەلەستىن 2» تىپلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تېلئاۋىۋغا ھۇجۇم قىلدى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىر ھەربىي نىشانغا تەگدى.
بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائىمىي ئەزا بولمىغان 10 دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى. دائىمىي ئەزا دۆلەتلەردىن ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم رەت قىلغاچقا، بۇ قارار لايىھەسى ماقۇللانمىدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى ستارمېر بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەنگلىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى پىلانىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى جېنجۇداڭنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلدى، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززە ھەققىدىكى قارارىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى