ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فىرانسىيە، بېلگىيە پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-23 11:11
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ۋە «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر خەلقئارا يىغىنى مەزگىلىدە، فىرانسىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بېلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى دېۋېۋېر 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېلگىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالدىنقى كۈنى ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، پورتۇگالىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
فىرانسىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر سانى 150تىن ئاشتى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت ئىچىدە پەقەت ئامېرىكىلا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى. پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسىگە خەت يېزىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزىدىغان پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىغىن يەھۇدىيلارنىڭ يېڭى يىلىغا توغرا كېلىپ قالدى دېدى، ئىسرائىلىيە ئىلگىرى ۋاقىتنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشقا ئاشمىدى. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق ئۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ نىشانىنىڭ «غەززە رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.


تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

فىرانسىيە، بېلگىيە پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى

فىرانسىيە، بېلگىيە پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى