ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېستونىيە ھاۋا تەۋەلىكى ۋەقەسى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-23 13:53
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېستونىيەنىڭ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكى توغرىسىدا جىددىي ئاشكارا يىغىن ئاچتى. رۇسىيە ۋەكىلى رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئېستونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئېستونىيە، يىغىنغا قاتناشقان باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا ۋەكىللىرى رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېستونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى دەپ قاراپ، رۇسىيەنى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى دەپ ئەيىبلىدى. رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق بىرىنچى مۇئاۋىن ۋەكىلى بولىيانسكى: رۇسىيەنىڭ ئېستونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق، دېدى. جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇپ، سۆھبەت ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، گۇماننى تۈگىتىپ، خاتا چۈشەنچە ۋە خاتا ھۆكۈمدىن ساقلىنىپ، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت 
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېستونىيە ھاۋا تەۋەلىكى ۋەقەسى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچتى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېستونىيە ھاۋا تەۋەلىكى ۋەقەسى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچتى