ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى توختاتمايمىز دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-28 11:02

ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتىز 9-ئاينىڭ 27-كۈنى نۆۋەتتە 750 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا غەززە رايونىدىن ئايرىلدى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى «ھەل قىلغۇچ باسقۇچ»قا كىردى شۇنداقلا «بارلىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغانغا قەدەر» توختاپ قالمايدۇ دېدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر كۈندە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى غەززە شەھىرىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىپ، نۇرغۇن قورال-ياراقنى ئولجا ئالدى ھەم خاماسنىڭ نۇرغۇن قوراللىق خادىملىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىكى تەخمىنەن 120 نىشانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا 9-ئاينىڭ 27-كۈنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ساقچى دائىرىلىرى شۇ كۈنى كەچ سائەت 18 لەرگىچە، قاتناشقانلارنىڭ سانى 50 مىڭغا يېتىپ، ئىلگىرى مەلۇم قىلغان 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى دېدى. تەشكىللىگۈچى تەرەپ تونۇشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى تەخمىنەن 50 تەشكىلات ۋە ئورگان بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى دېدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有