ئىسرائىلىيە ۋە خاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى مىسىردا ۋاسىتىلىك ئۇچراشتى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىر كۈن ئىچىدە غەززەگە 93 قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، 70 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:| يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-05 10:29
مىسىر خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ خەۋەردار ئەربابىنىڭ 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى مىسىردا ۋاسىتىلىك ئۇچراشقان، ئىككى تەرەپ تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان شەرتىگە دائىر تەييارلىق ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 10-ئاينىڭ 4-كۈنى: ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدىن دەسلەپكى قەدەمدە ئەسكەر چېكىندۈرۈش لىنىيەسىگە قوشۇلدى ھەمدە ئالاقىدار لايىھەدىن خاماس بىلەن ئورتاق بەھرىلەندى، دېدى. خاماس ئۇرۇش توختىتىشنى جەزىملەشتۈرسىلا دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدۇ، تۇتۇپ قىلىنغانلار بىلەن مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش دەرھال باشلىنىدۇ.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 10-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن ماسلىشىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە «ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان دىپلوماتىيە ھەرىكىتى»نى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرىگە داۋاملىق ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئۇرۇش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خاماسنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىرىنچى باسقۇچتا، تۇتۇپ قېلىنغان بارلىق كىشىلەر قويۇپ بېرىلىدۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەپ، غەززە رايونىنى داۋاملىق نازارەت قىلىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتىكى نىشان خاماسنىڭ قورالسىزلاندۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، غەززەنى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش.
غەززە رايونى تاراتقۇ ئىشخانىسى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى: شۇ كۈنى سەھەردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ئاھالە زىچ رايونلارغا قىلغان 93 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ۋە توپقا تۇتۇشىدا 70 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە غەززە شەھىرىدە 47 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. غەززا رايونى خەلق مۇداپىئە تارمىقىنىڭ باياناتچىسى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە شۇ كۈنى غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تۇفا ئاھالىلەر رايونىدىكى بىر ئاھالىلەر تۇرالغۇسىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئاز دېگەندە 17 كىشىنىڭ قازا قىلىشى، 30 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە بالىلار ۋە ئاياللارمۇ بار. غەززە رايونى خەلق مۇداپىئە تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ ئەتراپتا ھەرىكەت قىلغانلىقتىن، خەلق مۇداپىئە تارمىقى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى غايەت زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، نۆۋەتتە كىشىلەر يەنىلا قاپسىلىپ قالدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى كەچتە بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىنى دەلىللەپ، زەربە بېرىش نىشانىمىز «شۇ ئەتراپتىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەھدىت پەيدا قىلغان» خاماسنىڭ ئەزاسى، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









