خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە مىسىردا ۋاسىتىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى، مىسىر زۇڭتۇڭى « سۆھبەتتە پائال ئىلگىرىلەش بولدى» دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-09 10:52
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) بىلەن ئىسرائىلىيە مىسىرنىڭ شامشەيىخ شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 3-كۈنىگە قەدەم قويدى. سۆھبەت ۋاسىتىلىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلدى، مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىدا ياراشتۇردى. مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى شۇ كۈنى سۆھبەتتە پائال ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى تاھىر نۇنۇنىڭ تاراتقۇ مەسلىھەتچىسى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە قويۇپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئالماشتۇردى، سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىن چېكىنىپ چىقىش ھەمدە قويۇپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەرنى ئالماشتۇرۇش يولغا قويۇش مېخانىزمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتكەن ئۆلچەم ۋە ئادەم سانىغا ئاساسەن قويۇپ بېرىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئالماشتۇردى. ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە ياراشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، ۋاسىتىلىك سۆھبەت يەنىلا داۋاملاشتى.
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان 10-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى باشلانغاندىن بۇيان، خاماس ئىسرائىلىيەگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىجابىي مەيدانىنى ئىپادىلىدى، ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا ئوخشاش ئىجابىي ھەرىكىتىنى تېخى ئىپادىلىمىدى.
پەلەستىندىكى خەۋەردار ئەربابنىڭ شۇ كۈنى ئاشكارىلىشىچە، پەلەستىن ئىسلام شېڭجەن تەشكىلاتى (جيېخادې) بىلەن پەلەستىننى ئازاد قىلىش خەلق فىرونتىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە مىسىرغا يېتىپ بارغان. ئۇلار خاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە سۆھبەتكە قاتناشقان. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى 2023-يىلى 10-ئايدا پارتلىغاندىن بۇيان، جيېخادې ۋە خەلق فىرونتى ئىزچىل ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتى. جيېخادې بىر قىسىم ئىسرائىلىيەلىكلەرنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلىمىدى.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى توققۇز پاراخوتتىن تەشكىللەنگەن غەززەگە ياردەم بېرىش پاراخوت ئەترىتىنى يەنە بىر قېتىم توسقان ۋە كونترول قىلغان. بۇ پاراخوت ئەترىتى 100 دىن ئارتۇق پائالىيەتچى زاتلاردىن تەركىب تاپقان. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا «يەر شارى قەيسەر كېمە ئەترىتى» توسۇۋېلىنغاندىن كېيىن، بۇ كېمە ئەترىتى غەززە رايونىغا قاراپ يولغا چىققان. پاراخوت ئەترىتى مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ پاراخوتتىكى خەلقئارا پىدائىيلارنى تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى يوق بولۇپ، تۇتۇپ قېلىش قىلمىشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









