ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى: رافا چېگرا ئېغىزى ۋاقتىنچە ئېچىۋېتىلمەيدۇ، دېدى؛ خاماس: رافا چېگرا ئېغىزىنى تاقاش تۇتۇپ قېلىنغانلارنىڭ جەسىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى ئېغىر دەرىجىدە كېچىكتۈرىۋېدۇ، دېدى
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئىشخانىسى شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇنىڭ رافا چېگرا ئېغىزىنى ۋاقتىنچە ئاچماسلىق توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى، ھەتتا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىش جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ھەمدە ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتكەن رامكىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئويلىشىلىدىكەن.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رافا چېگرا ئېغىزىنى تاقاش تۇتۇپ قېلىنغانلارنىڭ جەسىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كېچىكتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: چېگرا ئېغىزىنىڭ داۋاملىق تاقىلىشى «خارابىلىك ئاستىدا يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەشكە كېرەكلىك مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى، شۇنداقلا قانۇن دوختۇرلىرى گۇرۇپپىسى ۋە جەسەتنى پەرق ئېتىشكە كېرەكلىك سايمانلارنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى»، «جەسەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كېچىكتۈرۈلۈشى»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









