پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئوت ئاچتى دەپ ئەيىبلىدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى نۇرغۇن جايلارغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قايتىدىن ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-20 14:57
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافا رايونىدا، پەلەستىن قوراللىق گۇرۇپپىسى لەخمىدىن چىقىپ، قېزىش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە كاتيۇشا ئوقى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئەسكىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئۈچ ئادەمنى يارىلاندۇردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئارقىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، كۈرەشچى ئايروپىلان چىقىرىپ ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى ھەمدە يەر يۈزىدىكى توپقا تۇتۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، خاماسنىڭ نەچچە ئون نىشانىغا زەربە بەردى. ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى يەنە 120 دىن ئارتۇق بومبا تاشلاپ، خاماسنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6 كىلومېتىر كېلىدىغان يەر ئاستى تونېلىنى بومباردىمان قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «سېرىق سىزىق» تىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قىسمىغا يېقىنلاشماقچى بولغان بىر قانچە قوراللىق خادىمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ ئەمەلدارى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى خاماسنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ئوت ئېچىش ۋەقەسىدىن ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە بۇنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، زۇڭلى نىتانىياخۇ غەززە رايونىدىكى نىشانلارغا كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىش ھەمدە غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈشنى توختىتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى، دېدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان كېيىنكى باياناتىدا: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى خاماسقا بىر قاتار زەربە بەرگەندىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قايتىدىن ئىجرا قىلىشقا باشلىدى، «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدۇ ھەم كېلىشىمگە خىلاپ ھەرقانداق قىلمىشقا قەتئىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ»، دېدى.
غەززە رايونىدىكى خەلق مۇداپىئە تارماقلىرى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا 20 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى، دېدى.
خاماس 10-ئاينىڭ 19-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئىسرائىلىيە كېلىشىمگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلىپ، «پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان باھانە بىلەن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلىدى»دەپ تەكىتلىدى.
خاماس بارلىق جەسەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، سەۋەبى بىر قىسىم جەسەتلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋەيران قىلغان لەخمە ۋە قۇرۇلۇش خارابىسىگە كۆمۈلۈپ قالغان، بۇ جەسەتلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە تەرەپ چوقۇم ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار ۋە قېزىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشىگە يول قويۇشى كېرەك، دېدى.
خاماسقا قاراشلىق قوراللىق گۇرۇھ كاسان لۈسى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن رافا رايونىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ۋەقە ياكى توقۇنۇش ئېنىق ئەمەس، چۈنكى بۇ رايونلار ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايون، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









