ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئالاقە گۇرۇپپىسى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئوقۇشنى، دەرسنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-09 17:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى دىڭ شياڭياڭ، ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەندىكى قىسمەن ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇشنى، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەييارلىقى ۋە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

ئالاقە گۇرۇپپىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپلەر كىشىلەر توپلىشىدىغان سورۇن، يېقىندا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارقا ـ ئارقىدىن مەكتەپكە قايتتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىش مەنبە رايونلىرى كەڭ، ئالاقىسى كۆپ بولۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش،تىزگىنلەش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايون قىلىش كېرەك.




中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئالاقە گۇرۇپپىسى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئوقۇشنى، دەرسنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى

يېقىندا گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى،