ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلق بىلەن بىللە ئويلاپ، بىللە ئىشلەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-16 10:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىستانسىمىز «باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بىللە ئويلاپ، بىللە ئىشلەيلى» دېگەن ئوبزورنى ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يىلتىزى خەلق ئارىسىدا، تومۇرى خەلق ئارىسىدا. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەگە پەقەت باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بىللە ئويلاپ، بىللە ئىشلىگەندىلا، ئاندىن بىز خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدا، پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئېرىشەلەيمىز دەپ قايتا-قايتا تاپىلىدى. بۇ يىلدىكى مۈشكۈل، مۇرەككەپ ئىچكى، تاشقى ۋەزىيەتتە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەلرايىغا ئۇيغۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ئاممىنىڭ غەم يېگەن، بېشى قاتقان، ئەندىشە قىلغان ئىشلىرىنى ھەقىقىي، ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، جاپانىمۇ، ھالاۋەتنىمۇ تەڭ كۆرۈپ، بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىمىز كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلق بىلەن بىللە ئويلاپ، بىللە ئىشلەيلى

ئىستانسىمىز «باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بىللە ئويلاپ، بىللە ئىشلەيلى» دېگەن ئوبزورنى ئېلان قىلدى.