ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ قالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-16 10:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يازلىق ئاشلىقنىڭ %90 ھوسۇلى يىغىلىپ بولدى. يېزا ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرى خەن چاڭفۇ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇ يىل ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ قالدى دېدى.
ياز ئايلىرىدا ئېتىزلىقلاردىكى بۇغدايلار دولقۇنلىنىپ تۇراتتى، كومبايىنلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن مەنزىرە ئالدىدا، خېبېي ئۆلكىسى گاۋبېيديەن شەھىرى داپۇ كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا، 67 ياشلىق زۇ ماۋتاڭ خۇشاللىق ھېسسىياتىنى يوشۇرالماي قالدى. ئەسلىدە، مەھسۇلاتنى ئۆلچىگەندە، ئۇ تېرىغان 150 نەچچە مو بۇغدايلىقنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 1100 جىڭدىن ئېشىپ، ھەر مو يەردىن قىلغان كىرىمى ئاز دېگەندە يۈز يۈەن كۆپەيگەن ئىدى.

بۇ يىل مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 400 مىليون مو بولۇپ، ئاساسەن مۇقىملىقنى ساقلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، بۇغداي-يازلىق ئاشلىقنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى. يېزا ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرى خەن چاڭفۇ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى خېبېيدىكى بۇغداي ئورمىسى نەق مەيدانىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بۇغداينىڭ %90ى يىغىلىپ بولدى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېتىز باشلىرىدىكى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ھەر مو يەردىكى باشاق سانى خېلى كۆپەيگەن، باشاق، دان سانى ئاساسەن تەڭلەشكەن، مىڭ دانە دان ئېغىرلىقى بۇلتۇرقى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يېقىنلاشقان. بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن  مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ قالدى. مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن ئېشىش بولدى: 1-بىرلىك مەھسۇلات ئاشتى، مو بېشى مەھسۇلاتى ئوتتۇرىچە تۆت كىلوگرام ئاشقان بولۇشى مۇمكىن. 2-سۈپىتى ئۆستى، دان بولۇق بولدى، 1-، 2-دەرىجىلىك بۇغداي كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. 3-ئۇن تىلىپى كۈچلۈك بۇغداي بىلەن ئۇن تىلىپى ئاجىز بۇغداي ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2.8 پوئېنت ئاشتى. يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش-بىزنى ئاشلىق بىخەتەرلىكىمىزنى كۈچەيتىپ، تاماق قاچىمىزنى قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى شۇنداقلا يەنە ئىشەنچ ۋە غەيرىتىمىزنى ئاشۇردى. يازلىق ئاشلىق يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، بىرىنچىدىن سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇلى ھەم كىرىمىنى ئاشۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، يازلىق تېرىمنى ياخشى قىلىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىش كېرەك، بىزنىڭ نىشانىمىز-پۈتۈن يىلدا ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ قالدى

نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يازلىق ئاشلىقنىڭ %90 ھوسۇلى يىغىلىپ بولدى. يېزا ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرى خەن چاڭفۇ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇ يىل ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ قالدى دېدى.