ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭدا يەنە 106 يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 10:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بېيجىڭ شەھىرىدە يەنە 106 يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى كۆپەيدى، نۆۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى دىتەن دوختۇرخانىسىدا مەركەزلىك داۋالىنىۋاتىدۇ. بېيجىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرغان پەيتتە، دىتەن دوختۇرخانىسى كېسەل رايونىنى تېز كېڭەيتتى، بېيجىڭدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىلارمۇ تېببىي خادىملارنى دىتەن دوختۇرخانىسىغا ياردەمگە ئەۋەتتى.

بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى داۋاملىق كۆپۈيىۋاتقان دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنى داۋالاش ئۈچۈن 6-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرى دوختۇرخانا باشقۇرۇش مەركىزىدىن ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. مەزكۇر مەركەز شۇ كۈنى شەھەرگە قاراشلىق 19 دوختۇرخانىدىن 100 تېببىي خادىمنى دىتەن دوختۇرخانىسىغا ياردەم بېرىشكە جىددىي تەشكىللىدى ۋە يۆتكىدى، بۇ 24 دوختۇر، 62 سېسترا، 8 تەكشۈرۈش خادىمى ۋە 6 رېنتىگېن تەكشۈرۈش خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭدا يەنە 106 يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى

بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى داۋاملىق كۆپۈيىۋاتقان دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنى داۋالاش ئۈچۈن 6-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرى دوختۇرخانا باشقۇرۇش مەركىزىدىن ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.