ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قوش غەلبىنى قولغا كەلتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 10:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گەنسۇ ئۆلكىسى گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مەملىكەت بويىچە ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا خۇاڭخې دەرياسى يۇقۇرى ئېقىنىدىكى مۇھىم سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى يەرلىكتە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بارغانسېرى ئاممىنىڭ زور بايلىقىغا ئايلاندى. ئوبلاست بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا تارقىتىلغان نامرات نوپۇس 2013-يىلىنىڭ بېشىدىكى 206 مىڭ 100دىن 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 2800گە ئازايدى، نامراتلىشىش نىسبىتى %36.75دىن %0.5گە چۈشتى.

گەننەن ئوبلاستى ماچۈ ناھىيەسى ئاۋانساڭ بازىرىدا 52 ياشلىق ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ئېجيەنزېرېن بىر كۈنلۈك مۇھاپىزەت خىزمىتىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇردى. بىرقانچە يىل بۇرۇن ئۇ تېخى ئوت چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتەك چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرەتتى. كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك چارۋا باقسا ئوتلاقلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرايتتى، بۈگۈنكى كۈندە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئائىلىسى قىلىنغان ئېجيەنزېرېن ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە مۇقىم ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كىردى تېخى يەنە ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكىگە تاللاندى.

ماچۈ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مۇھىم سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ۋە تولۇقلاش رايونى، «خۇاڭخې دەرياسى سۇ يىغىش كۆلچىكى» دېگەن نامى بار، ھازىر ئېكولوگىيەنى قوغداش ئىدىيەسى ئېجيەنزېرېن قاتارلىق چارۋىچىلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا ئېكولوگىيەنى قوغداش جامائەتچىللىك ئورنىدا ئايالىم ئىككىمىزنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

گەننەن ئوبلاستى ئېكولوگىيەنى قوغداش جامائەتچىللىك ئورنى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. گەننەن ئوبلاستلىق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى خۇاڭخې دەرياسى ئىشخانىسىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ خۇي: بۇ ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى ئىشقا ئاشۇردى دېدى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قوش غەلبىنى قولغا كەلتۈردى

گەنسۇ ئۆلكىسى گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مەملىكەت بويىچە ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى،