ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭدا 356 مىڭ نۇقتىلىق كىشى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-18 13:52

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى  ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنفادى قاتارلىق يۇقۇم كۆرۈلگەن بازارلاردىكى خادىملار، ئەتراپتىكى ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرى، بۈيۈك سانلىق مەلۇماتنى تەكشۈرۈشتە يۇقۇمغا چېتىشلىق بازارلاردىكى خادىملار، ئىشىك چېكىش ھەرىكىتىدە ئۇچرىشىش تارىخى بارلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلغان خادىملار شۇنداقلا  پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى يېزا ئىگىلىك  مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن  تەخمىنەن 356 مىڭ كىشى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرتتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پاڭ شىڭخو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دائىرىسى ئاساسلىقى شىنفادى بازىرىغا مەركەزلەشكەن. دەسلەپكى ھۆكۈمگە قارىغاندا  بۇ قېتىمقى يۇقۇم  كىشىلەر ئارا تارقىلىش ياكى بۇيۇملارنىڭ مۇھىت بۇلغىشىدىن كېلىپ چىققان يۇقۇملىنىش. نۆۋەتتە بىمارلار ئىچىدە ئادەتتىكى ۋە كېسىلى يېنىك بىمارلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئومۇمىي بىمار سانىنىڭ %95ىنى ئىگىلەيدۇ. (شىنفادى) بازىرىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سودا ئورنى ئىكەنلىكى، ئەشيا ئوبوروتى كەڭ، ئادەم زىچ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەتىرى چوڭ، تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ئويلاشقاندا يۇقۇملىنىدىغانلار سانىنىڭ كەلگۈسىدە يەنە بەلگىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.

بېيجىڭ شەھىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى  يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كارانتىن قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنفادى بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك  يۇقۇم پەيدا بولغان بازار ۋە مەھەللىلەردىكى ئالاقىدار خادىملار، خەۋپ خەتىرى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك كوچا، يېزا-بازارلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملار، ئاممىۋى ساھەدىكى مۇلازىمەت خادىملىرى، مەكتەپكە قايتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر، نۇقتىلىق رايونلاردىكى مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىشلىرىغا قاتناشقان بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملار قاتارلىق ئالتە  تۈرلۈك خادىمنىڭ يادروكىسلاتاسىنى شۇ جايدىكى  ھۆكۈمەت بىرتۇتاش تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ. نۆۋەتتە شەھەر بويىچە كۈنىگە تەخمىنەن 400 مىڭ كىشىنىڭ ئەۋرىشكىسى ئېلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە تەكشۈرۈش ئىقتىدارى داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى ئۆز ئالدىغا دوختۇرخانىغا بېرىپ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرتمەسلىكى، ئادەملەر زىچ توپلانغان جايغا بېرىشنى ئازايتىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىدىكىلەرنىڭ مەكتەپكە بېرىشى توختىتىلدى، ئوقۇغۇچىلار ئۆيىدە تۇرۇپ توردا ئوقۇيدىغان بولدى، 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان يازلىق تەتىل ۋاقتى ئۆزگەرمەيدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ۋاقتى تەڭشەلمىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچىمى ھەرىكەتچان تەڭشىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭدا 356 مىڭ نۇقتىلىق كىشى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرتتى

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دائىرىسى ئاساسلىقى شىنفادى بازىرىغا مەركەزلەشكەن.