ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-19 09:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19-سانلىق يىغىنىنىڭ تۇنجى ئومۇمىي يىغىنى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇرىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جىشىن بەرگەن ھۆكۈمەت خادىملىرى مەمۇرىي جازا قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، لايىھەنىڭ قاراپ چىقىلغان ئۈچىنچى ئارگىنالدا مەمۇرىي جازا قارارىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى بەلگىلەندى، مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلاريەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەقىقەتەن خاتا بولۇپ قالغان مەمۇرىي جازا قارارىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى.

يىغىندا ليۇ جىشىن بەرگەن خەلق قوراللىق ساقچىلىرى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، لايىھەنىڭ قاراپ چىقىلغان ئىككىنچى ئارگىنالىدا ئالاقىدار ۋەزىپىلەر ھەققىدىكى بايانلار يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئېھتىياجىنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىش بەلگىلىمىسى قاتارلىقلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسى قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ كېمىڭ بەرگەن ئارخىپ قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ قاراپ چىقىلغان ئىككىنچى ئارگىنالىدا ئارخىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئارخىپ ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئارخىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئارخىپ بىخەتەرلىكى خىزمىتى مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئارخىپ ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىندى.

ئاساسى قانۇن، قانۇن كومىتېتى: يۇقىرىقى قانۇن لايىھەلىرى بىرقەدەر پىشىپ يېتىلىپتۇ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانسا دەپ تەكلىپ بەردى.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللانغان«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارارى»نىڭ روھى ھەمدە تەلىپى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىللىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ ئىزاھات بەردى.

قانۇن چىقىرىشنىڭ يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى كاپالەتلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن شىۋېن ئىزاھات بەردى.

ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن ھەربىيدىن  چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرى سۈن شاۋچېڭ ئىزاھات بەردى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لې يۈچېڭ «قورال سودىسى شەرتنامىسى»گە كىرىشنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپكە ئىزاھات بەردى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن مالىيە مىنىستىرى ليۇ كۈن 2019-يىللىق مەركەز نەقچوتى ھەققىدە دوكلات بەردى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2019-يىلى مەركەز نەق چوتىنىڭ ئەھۋالى ئومۇمەن بىرقەدەر ياخشى بولدى، كېيىنكى قەدەمدە مۇنداق بەش تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك، بىرىنچى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئىككىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى قوللاش، ئۈچىنچى،خەلق تۇرمۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، تۆتىنچى، بازار سوبىكتىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىش، بەشىنچى، ئاساسى قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش ئىقتىسادىي تەپتىشى خۇ زېجۈن 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم چىقىمنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى ھەققىدە دوكلات بەردى، دوكلاتتا مالىيە باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇش قاتارلىق تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى ياۋبىن بەرگەن 2019-يىللىق مەركەز نەقچوتى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»،«ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»خىزمىتىنى ياخشى قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەپ قوللاش، مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش لايىھەلىرى قاراپ چىقىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19-سانلىق يىغىنىنىڭ تۇنجى ئومۇمىي يىغىنى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇرىياسەتچىلىك قىلدى.