ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى تېز زورايتايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-05 17:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىستانسىمىز «يېڭى شەيئىلەرنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرەيلى، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى تېز زورايتايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى شەيئىلەرنى ساغلام يېتىلدۈرۈش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى تېز زورايتىش- تۈرلۈك خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، كىرىزىس ئىچىدىن پۇرسەت ئىزدەش، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم مېتودولوگىيەسى. بىر تەرەپتىن، خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، مول ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىدىن جاۋاب ئىزدەپ، ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، پۇقرالار تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتا ئىچىدىن ئىسلاھاتنىڭ تۇتۇش قىلىش نۇقتىسىنى تېپىشقا ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىزدىنىشكە، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان تۈزۈم مۇھىتى يارىتىپ، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى تېز زورايتايلى

ئىستانسىمىز «يېڭى شەيئىلەرنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرەيلى، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى تېز زورايتايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.