ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۈتۈن مەملىكەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-17 10:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى. ئالدىن مەلۇمات ئۇنىۋېرسال تەھلىلىگە قارىغاندا، غەربىي جەنۇبىي رايوننىڭ شەرقىي، خۇاڭخې، خۇەيخې دەرياسىنىڭ جەنۇبى، چاڭجياڭ خەنجياڭ، چاڭجياڭ خۈەيخې، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىنىڭ شىمالى قىسمى قاتارلىق جايلاردا يەنە بىر قېتىم بىرقەدەر كۈچلۈك يامغۇر ياغىدۇ.

سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچىشىچە، نۆۋەتتە پوياڭخۇ كۆلىنىڭ سۇ چېنى ئاستا ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلىغان، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا غول ئېقىنىدىكى جيەنلى دەرياسى بۆلىكىنىڭ سۇ چېنى قايتىدىن ئۆرلەشكە باشلىغان، تەيخۇ كۆلىنىڭ سۇ چېنى كاپالەت سۇ چېنىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، چاڭجياڭ دەرياسى سۇچىلىق كومىتېتى سۇ رايى ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى سەنشيا سۇ ئامبىرىغا كىرگەن كەلكۈن سۈيى ھەققىدە كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەنشيا سۇ ئامبىرىغا كەلكۈن سۈيىنىڭ ئېقىپ كىرىش مىقدارى سېكۇنتىغا 50مىڭ كۇپ مېتىرغا يېتىشى مۇمكىن.

دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ پۇختا ياخشى قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داۋاملىق جەڭ قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاجىز ھالقا ۋە خەۋپ-خەتەر، يوشۇرۇن خەتەرگە يەنىمۇ قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ جياڭشى، ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردىكى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بىرىنچى سەپتە يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، سۇ ئامبىرى، توغان قاتارلىق مۇھىم كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، مۇداپىئە كۆرۈشنى كۈچەيتتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۈتۈن مەملىكەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى

نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى.