ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئىقتىسادىدا يەنە بىر قېتىم غايەت زور ئەۋرىشىملىك كۆرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-17 10:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تەدرىجىي يېڭىپ، ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئاشقان ۋە مۇقىم ئەسلىگە كەلمەكتە ئىكەن، ئىككىنچى پەسىلدە ئىقتىساد مەنپىي ئېشىشتىن مۇسبەت ئېشىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىغان، جۇڭگو ئىقتىسادىدا يەنە بىر قېتىم غايەت زور ئەۋرىشىملىك كۆرۈلگەن.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 45 تىرىليون 661 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.6 تۆۋەنلىدى. پەسىل ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، بىرىنچى پەسىلدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 تۆۋەنلىدى. ئىككىنچى پەسىلدە %3.2 ئاشتى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ ئەيخۇا خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئىزچىل ياخشىلاندى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، سودىنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىز ئىقتىسادى ئالدى بىلەن تۆۋەنلەپ، ئاخىرىدا ئاشتى، ئىككىنچى پەسىلدە، ئىقتىساد مەنپىي ئېشىشتىن مۇسبەت ئېشىشقا قاراپ ئۆزگەردى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم ئەسلىگە كەلمەكتە، ئاساسى خەلق تۇرمۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىندى، بازار كۆزلىمىسى ئومۇمەن ياخشى بولدى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتى مۇقىم بولدى.

ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش دېمەكتۇر. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 5 مىليون 640 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىنىڭ %62.7ى ئورۇنلاندى، 6-ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.7 بولۇپ، 5-ئايدىكىدىن 0.2 پوئىنت تۆۋەنلىدى. بۇنىڭغا قارىتا ليۇ ئەيخۇا: كېيىنكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بارلىق ئامال چارىلەر بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز دېدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 تۆۋەنلىدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم قۇۋۋەت بولغان ئىستېمال بازىرىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كېيىنكى يېرىم يىلدا يەنە قانداق بولىدۇ؟ ليۇ ئەيخۇا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بىر جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئىستېمالنىڭ قولايلىق بولۇش دەرىجىسى تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئىستېمال تەمىناتىمۇ ئۈزلۈكسىز سەرخىللىشىدۇ، ئىستېمال ئىقتىدارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە كېيىنكى يېرىم يىلدا تېخىمۇ كۈچ سەرپ قىلىنىدۇ.

ئەڭ خۇشاللىنارلىقى شۇكى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىدە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى سىجىل مۇستەھكەملەندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۇقىرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقى ۋە يۇقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىگە سېلىنغان مەبلەغ ئايرىم ئايرىم %5.8 ۋە %7.2 ئاشتى. يۇقىرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقىدا، دورا ياسىمىچىلىقى، كومپيۇتېر ۋە ئىشخانا جابدۇقلىرى ياسىمىچىلىقىغا سېلىنغان مەبلەغ ئايرىم ئايرىم %13.6، %8.2 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى، پەن تېخنىكا نەتىجىلىرىنى مۇلازىمەتچىلىككە ئايلاندۇرۇشقا سېلىنغان مەبلەغ ئايرىم ئايرىم %32، %21.8 ئاشتى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، گۈللەنمە ساھەلەرنىڭ قۇۋۋىتى كۈچەيدى، يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر تېز بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەھەرلەردە رېلىسلىق قاتناش %13 ئاشتى، زەرەتلەش قوزۇقى مەھسۇلات مىقدارى %11.9 ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئەمەلىي تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.3 ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %25.2 گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.6 پوئىنت ئاشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئىقتىسادىدا يەنە بىر قېتىم غايەت زور ئەۋرىشىملىك كۆرۈلدى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى