ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئۈچىنچى تومىنى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-30 10:12

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئۈچىنچى تومىنى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنى 29-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئۈچىنچى تومى يېڭى دەۋردە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نەزەرىيە جەۋھىرى، ئۆگىنىش، تونۇش ۋە ھەرىكەتتە ئەگىشىپ ئىلگىرىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئۈچىنچى تومىدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن ئۇلۇغ ئەمەلىيەت تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەڭ يېڭى ئوقۇشلۇق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، خەلقنى تەربىيەلەپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەمىزنىڭ ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ يېڭى ئوقۇشلۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21-ئەسىر ماركسىزم يېڭى مۇساپىسىنى ئاچقانلىقى، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت قوللانمىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى ياخشى تەشكىللەپ، نەزەرىيەنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە چۈشەندۈرۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ ئورنىشى، دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىنغا خۇاڭ كۈنمىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئۈچىنچى تومىنى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئۈچىنچى تومىنى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنى 29-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى،