ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھەر دەرىجىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە تاراتقۇلىرى تەشۋىقاتنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، تېجەشلىك غىزالىنىشنى يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-08-20 16:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە تاراتقۇلىرىنى ئالاقىدار تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تېزدىن ئورۇنلاشتۇردى.

خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خۇنەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاشخانىلاردا يېمەك ـ ئىچمەك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرايلى»، «مۇتەخەسسىسلەر چۈشەندۈرۈشى: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىنغان تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن يەنە ئىسراپچىلىقنى توسۇش سىگنالى بېرىلىدۇ؟» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پىروگراممىلارنى تەسىس قىلىپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىنى توسۇشقا مەدەت بەردى.

شاڭخەي شەرق سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كۇرس قۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلدى ھەمدە «قىسقا ۋىدېيو سۇپىسىدا «چوڭ يەپ ئىچىش»كە ئىنكاس قايدۇرۇلدى، چوڭ يەپ ئىچىشنى تەشۋىق قىلغانلارغا چىقىرىۋېتىش، تاقاش، نومۇرىنى پېچەتلەش» قاتارلىق جازالار بېرىلدى، دېگەندەك خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى.

بېيجىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى «تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش» باش تېما قىلىنغان تەشۋىقات فىلىمىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، «تاماق بۇيرۇتۇش»، «بۆلۈپ بۇيرۇتۇش»، «ئوراپ ئېلىۋېلىش» قاتارلىق جەھەتلەردىن باش تېما تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى.

جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى «يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىغا يول قويمايلى» نامىلىق يۈرۈشلۈك خەۋەر بېرىپ، مۇخبىرنىڭ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشى ئارقىلىق، جايلاردا ساقلىنىۋاتقان يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە «ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇشتا ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

جياڭسۇ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى «تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى: بۈگۈن ئىسراپ قىلدىڭىزمۇ؟» قاتارلىق نۇرغۇن خەۋەر ۋە ئوبزورلارنى تارقاتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھەر دەرىجىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە تاراتقۇلىرى تەشۋىقاتنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، تېجەشلىك غىزالىنىشنى يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندۇردى

دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە تاراتقۇلىرىنى ئالاقىدار تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تېزدىن ئورۇنلاشتۇردى.