ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسلاھات تەدبىرىنى داۋاملىق تولۇق، ياخشى قوللىنايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-03 09:14

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىستانسىمىز «ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تەدبىرنى داۋاملىق تولۇق، ياخشى قوللىنايلى» دېگەن ئوبزورنى ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات-مەسىلىلەرنىڭ قىستىشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، يەنە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدۇ. ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تەدبىرنى داۋاملىق تولۇق، ياخشى قوللىنىشتا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكا، كەسىپ ھالىتى، ئەندىزە قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تەمىناتنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى ئىستراتېگىيەلىك ئاساس قىلىپ، تەرەققىيات ماتورىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇش؛ ئىجتىمائىي ساھەنىڭ تورتنى زورايتىشتىن تورتنى ياخشى تەقسىم قىلىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالار ئەندىشە قىلغان، غېمىنى يېگەن ئىشلارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، ئېكولوگىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىدە ئادىللىق، ھەققانىيەتنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش؛ تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىمۇ-نۇقتا بۆسۈش ياساشتىن ئومۇميۈزلۈك تەڭكەش بولۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەريانىدا قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى جانلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، تۈزۈمنىڭ كېڭىيىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسلاھات تەدبىرىنى داۋاملىق تولۇق، ياخشى قوللىنايلى

ئىستانسىمىز «ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تەدبىرنى داۋاملىق تولۇق، ياخشى قوللىنايلى» دېگەن ئوبزورنى ئېلان قىلدى.