ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-03 09:13

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2-سېنتەبىر «تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى-جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە» دېگەن تەپسىلىي خەۋەرنى ئېلان قىلدى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى دۈشمەننىڭ توپ ئوقلىرىغا قارىماي ۋەتەننىڭ بېشىغا كەلگەن بالايى-ئاپەتنى تۈگىتىشكە بىرلىكتە ئاتلىنىپ، 14 يىل باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ-جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇشتا تاۋلىنىپ چىققان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھى-جۇڭخۇا مىللىتى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغان مەنىۋى بايلىققا ئايلىنىپ، جۇڭگو خەلقىنى قانداق جاپا-مۇشەققەت، خېيىم-خەتەرگە دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، مەڭگۈ تېز پۈكمەي، ئېغىشماي ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2-سېنتەبىر «تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى-جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە» دېگەن تەپسىلىي خەۋەرنى ئېلان قىلدى.