ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-03 09:13

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل-جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقى، بۇ ئىككى كۈندە جايلار كۆپ خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى.

2-سېنتەبىر، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىدىكى شەرقىي شىمال ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى «ئورتاق غەلىبە-جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان شەرقىي شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەخسۇس كۆرگەزمىسى»نى ئۇيۇشتۇردى. كۆرگەزمىدە 200 نەچچە پارچە تارىخىي سۈرەت، جەدۋەل ئارقىلىق، جۇڭگو-رۇسىيە خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىشتىكى تارىخىي ئەسلىمىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

ئۇرۇش تارىخى ئەسلىنىپ، ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار چوڭقۇر ياد ئېتىلدى. بۇ ئىككى كۈندە، شەندۇڭ تەيئېرجۇاڭ ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى ۋە تەيئېرجۇاڭ ئۇرۇشى خارابە باغچىسى نۇرغۇن ئېكىسكۇرسىيىچىنى كۈتۈۋالدى، داتلىشىپ كەتكەن قورال-ياراغلار، ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن تاملار ئېھتىرام بىلەن قاراپ تۇرغان ساياھەتچىلەرگە تەيئېرجۇاڭ زور غەلىبىسىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

شاڭخەي شەھىرى يېڭىدىن كېڭەيتىپ ياسىغان جىنشەنۋېي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خارابىسى خاتىرە باغچىسىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. سەنشىنىڭ شۇجۇ شەھىرى خۇڭتاۋشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى ئۇرۇش خارابىسى بەلگە ئابىدىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىنى مەركەزلىك ئۆتكۈزدى، 8-ئارمىيە 120-شىسى مۇستەقىل 6-تارماق ئەترىتى شۈيتۇ كەنتى ئۇرۇش خارابىسى ۋە گارنىزون 6-تۈەنى ۋاڭلاۋگۇ ئۇرۇشى خارابىسىدا، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادلىرى، ۋاڭلاۋگۇ قەھرىمانلار ليەنىنىڭ بىر قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما بولۇپ 200 نەچچە ئادەم بىرلىكتە يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شەنشى «پېشقەدەم ئەسكەرلەر تارىخنى بايان قىلىش» ناملىق يۈرۈشلۈك قىسقا فىلىم قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان يۈز پېشقەدەم ئەسكەر ئۇرۇشقا قاتنىشىش جەريانىنى بايان قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىنى قايتا نامايان قىلدى.

يېڭى ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمىدە، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، قىزىل ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى؛ خېبېينىڭ خەندەن شەھىرى ئوقۇغۇچىلارنى جەنۇبىي خېبېيدىكى شەندى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى لەخمە ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى لەخمە ئۇرۇشى خارابىسىنى كۆرۈپ، لەخمە ئۇرۇشىنىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبىنى ئىگىلەشكە تەشكىللىدى. جېجياڭنىڭ جىنخۇا، جياڭشىنىڭ گاۋئەن قاتارلىق جايلارمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئوقۇش باشلاشنىڭ بىرىنچى دەرسى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، خاتىرە سارىيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىشكە تەشكىللىدى.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى

بۇ يىل-جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقى، بۇ ئىككى كۈندە جايلار كۆپ خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى.