ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2020-يىلى يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-03 09:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۇنيا بىلىم مۈلۈك تەشكىلاتى 2-سېنتەبىر 2020-يىلى يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو داۋاملىق 14-ئورۇندا تۇردى. جۇڭگو شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئالدىن 30 ئورۇندىكى بىردىن بىر ئوتتۇرا كىرىملىك ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو پاتېنت، تاۋار ماركىسى، ئىجادىي مەھسۇلاتلار ئېكسپورتى قاتارلىق مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ھەممىسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

دۇنيا بىلىم مۈلۈك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى گاۋ رۈي ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «جۇڭگو تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچى ۋە ئورنىنى باشتىن ئاخىر ساقلىماقتا، بۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك» دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2020-يىلى يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىندى

دۇنيا بىلىم مۈلۈك تەشكىلاتى 2-سېنتەبىر 2020-يىلى يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى.