ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى داۋاملىق مۇستەھكەملەنمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-03 09:26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

باشقا جايغا كۆچۈرۈش سۇ ۋە تۇپرىقى شۇ جايدىكى كىشىلەرنى باقالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، نامرات ئاممىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ يولى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم يولى. ھازىرغىچە، «13-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلىپ كۆچۈرۈلگەن نامرات ئاممىنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. جايلار ۋە تارماقلار كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ مۇقىم تۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەدرىجىي بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئەنكاڭ شەھىرى چىنبا تاغلىق رايونىدىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئەنكاڭ شەھىرىنىڭ پىڭلى ناھىيەسىدىكى كاڭشىلى ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى خوڭ يۈتاۋ پات ئارىدا تىجارەت باشلايدىغان سانائەت سودا شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتاتتى. 1400 كىۋادرات مېتىرلىق بۇ زاۋۇت سېخىغا كۆپلىگەن ماشىنا ئۈسكۈنىلەر قويۇلغان ئىدى. خوڭ يۈتاۋ مۇنداق دېدى: شىركەت تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى مەھەللە زاۋۇتلىرىغا نىسبەتەن بەلگىلىك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. كەلگۈسىدە ئىشلەپچىقىرىشىمىز ياخشى بولسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كېلىپ ئىشلىشىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز،ئۇلار داۋاملىق ئىشلىسە كىرىمى تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ.

پىڭلى ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، شەنشى ئۆلكىسىدە «13-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن 2116 سى تەڭ قۇرۇلدى، 766 مىڭ 300 نامرات نوپۇسقا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىپ بېرىلدى، شەھەر بازارلارغا كىرىپ ئورۇنلىشىش نىسبىتى %74 گە يەتتى.

دۆلەتلىك نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 31-ئىيۇلغىچە، مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئاساسى جەھەتتىن ئورۇنلانغان، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى رايونلارنى گۈللەندۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى توڭ جاڭشۈ مۇنداق دېدى: 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى كۆچۈرۈلگەن تەخمىنەن توققۇز مىليون 200 مىڭ نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئولتۇراقلاشتۇرۇلىدىغان رايونلاردىكى ئاخىرقى قۇرۇلۇشلار پۈتتۈرۈلۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەت قىلىش مېخانىزمى قەرەللىك تەڭشەلدى. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن ئوبلاستى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى، جاۋتوڭ شەھىرى قاتارلىقلار ئاخىرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، تىز كۆچۈپ كىرىشنى تېزلىتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

نامراتلارنى كۆچۈرۈش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى، كېيىنكى باسقۇچتا مۇھىم نۇقتا مۇقىم تۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەدرىجىي بېيىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا،«قىيادىكى كەنت» دېيىلىدىغان سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستى جاۋجۆ ناھىيەسى ئېرمو يېزىسى ئاتۇلىيېئر كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 84 نامرات نوپۇس ناھىيە بازىرى يېنىدىكى «كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى»دىكى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچتى. يەردىن 800 مېتىر ئېگىز بولۇش، 2556 تۆمۈر پەلەمپەيدىن ئېسىلىپ چىقىپ،چۈشۈش تارىخقا ئايلاندى. ئاتۇلىيېئر كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى پاچا يۇگې:«كەنت ئاھالىلىرى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، ياشلىرىمىز كەسىپ تەرەققىياتى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى» دېدى.

ھازىر مەملىكەت بويىچە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدىن تەخمىنەن 35 مىڭى قۇرۇلۇپ بولدى، ئىككى مىليون 660 مىڭ يۈرۈشتىن كۆپرەك ئۆي سېلىنىپ بولدى. كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىش، مەھەللىدە تۈزەش ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش قاتارلىق مەخسۇس تۈرلۈك سىياسەتلەر ئارقا ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن كېيىنكى يۆلەش سىياسەت سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى داۋاملىق مۇستەھكەملەنمەكتە

باشقا جايغا كۆچۈرۈش سۇ ۋە تۇپرىقى شۇ جايدىكى كىشىلەرنى باقالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، نامرات ئاممىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ يولى