ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مەدەنىيەت كۆزنىكى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 18:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

2020-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدە، مەدەنىيەت ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى پەن - تېخنىكىلار مەيدانغا كەلدى. يۇقۇم ۋەزىيىتىدە مەدەنىيەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدە 270 گىرادۇسلۇق مەۋھۇم كۆرۈنۈش ئارقىلىق داڭلىق تاغ - دەريالارنى ساياھەت قىلىش، 5G يانفونى ۋە VR كۆزئەينىكى بىلەن 720 گىرادۇسلۇق ئوقۇشنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش قاتارلىق ئوقۇش يېڭى پەن- تېخنىكىسى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ بەس بەستە ئالقىشلىشىغا سازاۋەر بولدى.

جۇڭتۇ يۈنچۇاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن - تېخنىكا (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شاۋ دەن مۇنداق دېدى: بىز تىرىشىپ G5 يېڭى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى ئوقۇش تەجرىبىسى بەرپا قىلىۋاتىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدەG 5 يېڭى ئوقۇشلۇقى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىدۇ.

سونى شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر VR كۆزئەينىكى كونترول قىلىش تۇتقىسىنى تاقاپ كونسېرتلارنى خۇددى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك كۆرەلەيدۇ، بۇلۇت تېرمىنالى تور تىياتىرخانىسى«بېيجىڭ ئويۇن قويۇش مەيدانى»غا كىرىپ ئويۇن كۆرەلەيدۇ، D3 تولۇق كۆرۈنۈشلۈك «بۇلۇت سەيلىسى» ئارقىلىق كىتابلاردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ . . . يۇقىرى، نازۇك ، بىز ئۈچۈن قاراڭغۇ بىلىنىدىغان پەن - تېخنىكا بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز يېقىنلاشتى! جۇڭگو مەدەنىيەت كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ بىن مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى.

بىز خۇشاللىق بىلەن شۇنى بايقىدۇقكى، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى، رەقەملىك كۆڭۈل ئېچىش، تور مائارىپى قاتارلىق رەقەملىك مەدەنىيەت كەسپى ئابۇنىتلىرىنىڭ كۆلىمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ كۆچمە تېرمىنال قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلغان رەقەملىك مەدەنىيەت كەسپى تەتۈر ئاشتى. كەلگۈسىدە يۇغۇرما تاراتقۇلار ۋەكىللىكىدىكى تور يېڭى كەسىپ ھالىتى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. 




中央广播电视总台 央广网 版权所有

مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مەدەنىيەت كۆزنىكى

2020-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدە، مەدەنىيەت ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان