ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيادىكى 120 دۆلەت ۋە رايوندا يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسى قوللىنىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-24 17:34


 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

خۇبېينىڭ ۋۇخەندە ئېچىلغان جۇڭگو يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىنى قوللىنىش يىغىنىدا «يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈللەنمە كەسىپلەرنى زورايتىش» باش تېما قىلىندى. سۈنئىي ھەمراھ، كەسىپنى قوللىنىش قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلدى.

بۇ يىل 7-ئايدا يەتىكەن 3-نومۇرلۇق يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك پۈتتى ھەمدە مۇلازىمەت قىلدى، بۇ قۇرۇلۇشتا « ئۈچ قەدەملىك مېڭىش » نىڭ تولۇق تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر دۇنيادا 120 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىدۇ.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى ئېلىمىزدە يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش تەرەققىياتى يادرو قىلىنغان سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش ۋە ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 345 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2012-يىلى يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسى رەسمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى تۆت ھەسسە ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن باغلىنىشلىق مەھسۇلات قىممىتى 228 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېلىمىزنىڭ يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىش بىلەن كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنىڭ يۇغۇرما ئېكولوگىيەسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنلىكىنى نامايان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا تەبىئىي بايلىق سىستېمىسىدا 3000 دىن ئارتۇق ئاساسى پونكىت قۇرۇلغان، بۇ ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق زېمىنى ۋە دېڭىز بويى رايونلىرىنى قاپلاپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ كەسپىي خىزمىتىنى كۈچلۈك قوللىغان،شۇنداقلا باشقا ساھەلەرنى توغرا ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.






中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيادىكى 120 دۆلەت ۋە رايوندا يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسى قوللىنىلدى

خۇبېينىڭ ۋۇخەندە ئېچىلغان جۇڭگو يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىنى قوللىنىش يىغىنىدا