ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-24 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداپ، كاپىتال بازىرىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا بولغان تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بېكىتىلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىك قانۇنى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كاپىتال بازىرىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

بىرىنچى، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى تۈزەش تۈزۈمى ۋە قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كونترول قىلغۇچى پايچىكلار، ئەمەلىي تىزگىنلىگۈچىلەر، مۇدىرلار، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شىركەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىچكى تىزگىنلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى يولغا قويۇش لازىم. ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىقى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچى، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئەلا، كۈچلۈك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىنى قوللاش كېرەك.

ئۈچىنچى، تارماقلارنىڭ بىرىكمە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھەم خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ ھەم ساغلاملىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىستېمالنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

بىرىنچىدىن، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى نۇقتىلىق قۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونلاردا بەلگىلىمە بويىچە چېنىقىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش ھەمدە تۇرالغۇ بىلەن ماس قەدەمدە پىلانلاش، قۇرۇش ۋە تاپشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك.

يىغىندا ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش، دېڭىزدا يولۇچى، يۈك توشۇش بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، دېڭىزدىكى بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېڭىز قاتنىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش، ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. يىغىندا لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.




中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى