ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭلىننى مەخسۇس زىيارەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-24 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، قانداق قىلىپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ باشلامچىلىق ھوقۇقى ۋە تىزگىنلەش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئايلانمىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش كېرەك؟ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قەيەردە؟ مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭلىننى زىيارەت قىلدى.

ۋاڭ چاڭلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي نۇقتىنى نىشان قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، ئوبوروت، ئىستېمالنى دۆلەت ئىچى بازىرىغا تېخىمۇ بەك يۆلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ ئىچكى تەلەپكە بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېھتىياج تەمىناتقا يېتەكچىلىك قىلىش، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

سانلىق مەلۇماتتا ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئېلىمىزدە شەھەر بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 7مىليون 810مىڭغا يەتكەن. 8-ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر بازارلاردا تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.6 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پوئىنت تۆۋەنلىگەن. ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمەن مۇقىم بولغان. ۋاڭ چاڭلىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى غايەت زور ئەۋرىشىملىك، يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئايلىنىش بوشلۇقىنىڭ بارلىقىنىڭ شۇنداقلا بازار سۇبيېكتى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

ئىككىنچى پەسىلدە ئېلىمىزدە مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى بىرىنچى پەسىلدىكىدىن 20.9 پوئىنت يۇقىرى بولۇپ، ئۇدا بەش ئاي مۇسبەت ئېشىش ساقلاپ قېلىندى. كېيىنكى قەدەمدە مەبلەغ سېلىشنى قانداق قىلىپ داۋاملىق مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؟

ۋاڭ چاڭلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھالقىلىق مەسىلە ــ ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ئاشۇرۇش. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئەل ئارىسى مەبلىغىنى بارلىق ئامال-چارىلەر بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. كەمتۈكلەرنى تولۇقلاشنى ئالايلۇق يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭدىن باشقا خەلق تۇرمۇشىدىكى بەزى كەمتۈكلۈكلەر، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى، ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمەت، مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسى، چوڭ دەريا ئېقىنلارنى تۈزەش قاتارلىقلارنى مەركەز قىلىش، ئىككى يېڭى، بىر زور قۇرۇلۇش، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور قۇرۇلۇشلاردا مەبلەغنى دەل جايىدا ئىشلىتىش كېرەك.





中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭلىننى مەخسۇس زىيارەت

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، قانداق قىلىپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ باشلامچىلىق ھوقۇقى ۋە تىزگىنلەش كۈچىنى كۈچەيتىپ،