ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي تېببىي تەتقىقات يۇرتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى«پەن تەتقىقات پولات قوشۇنى» قۇرۇشنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-24 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ قارا تۇمانلىرى يېتىپ كەلگەن دەسلەپكى پەيتتە، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي تېببىي تەتقىقات يۇرتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، بۇيرۇققا بىنائەن زەربىدارلارچە ۋۇخەنگە ئاتلاندى، 113 كۈن ئىچىدە، ئۇلار ئەڭ ئەلا لايىھە، ئەڭ تېز سۈرئەت، ئەڭ قىسقا ۋاقىت بىلەن بىر يۈرۈش زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە ھەربىي كۈچ ئاتا قىلىپ، «پەن تەتقىقات پولات قوشۇنى»نىڭ يېڭى بەلگىسىنى تىكلىدى.

9-ئاينىڭ 26-كۈنى ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي تېببىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋۇخەنگە يېتىپ بېرىپ، ۋاكسىنا تەتقىقاتىنى ئاساسى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، كېسەل مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، ئەۋرىشكە يىغىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەڭ قەدەمدە قانات يايدۇردى.

بىر مەيدان ۋاقىت بىلەن بەسلىشىدىغان بۇ قىسقىغىنا 24 سائەتتە، چېدىر شەكىللىك كۆچمە تەجرىبىخانا قۇرۇلدى، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جياڭ تاۋ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى تېخنىكا ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كۈندىلىك ئەۋرىشكە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى 1000دىن ئاشۇردى.

ھەربىي تېببىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە پائال قاتنىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يۇقۇمنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جاۋابى يەنى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساشتا ئاتاكىغا ئۆتتى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي تېببىي پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن ۋېي ئۆمەك باشلاپ، كېچە-كۈندۈز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇدا ئىككى ئاي تەجرىبىنى توختاتماي، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش سېپىدە چىڭ تۇردى.

نۆۋەتتە ھەربىي تېببىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەزالىرى داۋاملىق جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئۈچىنچى باسقۇچتا خەلقئارادىكى نۇرغۇن مەركەزلەردە كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە بىيو مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا يېڭىلىق ياراتماقتا.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي تېببىي تەتقىقات يۇرتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى«پەن تەتقىقات پولات قوشۇنى» قۇرۇشنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلىدى

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ قارا تۇمانلىرى يېتىپ كەلگەن دەسلەپكى پەيتتە، ھەربىي