ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەكتەپ رايونىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، مەكتەپ رايونى ئىچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-24 17:34

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بىرلىكتە «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلدى، «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەلا مەكتەپلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ رايونىنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ رايونىنىڭ دائىرىسىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، مەكتەپ رايونىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىل ئالاھىدىلىكى، ئەلا سۈپەتلىك تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، گۇرۇھلاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپلەرنى رايونلاشتۇرۇپ تۈزەشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپلەر ئارا كادىرلارنى سەپلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشمە ئوقۇتۇش تەتقىقات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، يېڭى، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەلا مەكتەپلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. گۇرۇھلاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەيدان ئەسلىھەلىرى بايلىقى ۋە ئەلا سۈپەتلىك دەرس ئوقۇتۇش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاجىز مەكتەپلەر ۋە يېزا مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەكتەپ رايونىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، مەكتەپ رايونى ئىچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بىرلىكتە «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش