ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇمھۇرىيەت ئوردىنىدىكى تارىخنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 21:01
جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىدە 90 ياشتىن ئاشقان پېشقەدەم جەڭچى جۇ گۇاڭ  ئىسىملىك بىر بوۋاي بولۇپ ،ئۇ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا،كۆپ قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان، شۇنداقلا سانسىزلىغان پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرىنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ۋەتەننى قوغداشتەك ئۇلۇغ ھەرىكىتىگە گۇۋاھ بولغان، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن جەڭ ھېكايىسى بىلەن كېيىنكى ئەۋلادلارنى رىغبەتلەندۈردى.   
يىۋۇ شەھىرى يىچېڭ كوچا باشقارمىسى شياۋزىسى مەھەللىسىدە ھەربىي سەپكە كىرگەن يېڭى ئەسكەرلەرنى ئۇزىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەمگە كەلگەن پېشقەدەم ئەسكەر91 ياشلىق جۇ گۇاڭ بوۋاي يېڭى ئەسكەرلەرگە ئۆزىنىڭ ئوردېنغا ئېرىشكەن ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى .
    1942-يىلى ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن جۇ گۇاڭ  ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ، يېڭى تۆتىنچى ئارمىيە جىنجۇ تارماق ئەترىتى يىۋۇ 8 - چوڭ ئەترىتىنىڭ بىر خىزمەتكارىغا ئايلاندى. ئۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈردى . 1950 - يىلى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن،جۇ گۇاڭ دەرھال تىزىملىتىپ،پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى .
جۇگۇاڭنىڭ ئۆيىدە بىر يېشىل ئوق ساندۇقى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەتىۋارلاپ ساقلىنىپ كەلدى . ئۇ مۇنداق دېدى : بۇنى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بەرگەندە،زېنىت پىلىموت ليەنىدىكى بىر جەڭچى قالدۇرغان. بۇ جەڭچىنى دۈشمەن ئايروپىلانى ئوققا تۇتقاندا،ئۇنىڭ بەدىنىگە ئون نەچچە پاي ئوق تەگكەن ئىدى .
    1968-يىلى جۇگۇاڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى . 1990 - يىلى جۇ گۇاڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن،ئادەتتە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇ مەھەللىدە پىدائىي  بولۇپ ئىشلىدى، ياكى بولمىسا كۆپچىلىككە ئوردېنغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى . ھازىر جۇ گۇاڭ ئەينى يىللاردىكى كونا ھەربىي فورمىسىنى ساقلاپ كەلدى . ئۇ ھەر قېتىم سىرتقا چىقىپ دەرس سۆزلىگەندە مېدال بىلەن تولغان ھەربىي فورمىسىنى كىيىپ،تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە قىممەتلىك تارىخنى سۆزلەپ بېرىدۇ .ئىلھام مامۇت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇمھۇرىيەت ئوردىنىدىكى تارىخنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىدە 90 ياشتىن ئاشقان