ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ 5-نۆۋەتلىك يېڭى دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىغا مۇھىم كۆرسەتمە بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 21:01
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
5-نۆۋەتلىك يېڭى دېھقانلار يېڭى كەسىپ ھالىتى، ئىگىلىك تىكلەش،يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى9-ئاينىڭ 24-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم كۆرسەتمە بەردى،
 كۆرسەتمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش،يېڭىلىق يارىتىش دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا-كەنت كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز يېزىلىرىدا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يېڭىچە دېھقانلار ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى، يېڭى كەسىپ ھالىتى كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ، دېھقانلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. جايلار، تارماقلار نۇرغۇن خىزمەتلەرنى   ئىشلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، « ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ۋە ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يۇرتىغا،يېزىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش،يېڭىلىق يارىتىشقا جەلپ قىلىپ،دېھقانلارنىڭ ئۆز جايىدا،يېقىن ئەتراپتا ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى   تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.ئىلھام مامۇت
 سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى توردا  كېڭىشىش ئۆتكۈزدى.
 سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا  ئىجارە بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ يولغا قويۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ،  ئۆي   ئىجارىچىلىك   بازىرىنىڭ   ساغلام تەرەققىياتىنى   تېزلىتىش توغرىسىدا توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي  مەسلىھەت كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،كۆپ سۇبيېكتىلا تەمىنلەش، كۆپ يوللار ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش، ئىجارە بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۆي ئىجارىچىلىك بازىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ،شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇسى بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ،خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئۆيىنى تېپىشىنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماي تۇرالغۇ قىلىش دېگەننى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك .
    مەملىكەتلىك،ئۆلكىلىك،شەھەرلىك،ناھىيەلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشنىڭ 11 ئەزاسى ۋە بىر ئاساسىي قاتلام ئاممىسى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك ئورگىنى ۋە جېجياڭ،گۇاڭدۇڭ،سىچۈەندىن ئىبارەت تۆت يىغىن مەيدانىدا ھەمدە كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش شەكلىدە سۆز قىلدى،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا  مۇتەخەسسىس ئالىملار، ھ ئۆي-زېمىن كارخانىلىرى، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار،ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بار . كۆپچىلىك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر «ئىجارە بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ يولغا قويۇش» تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى چۆرىدەپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ،ئۆي ئىجارىچىلىك بازىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، لېكىن ئەمەلىيەت داۋامىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج قۇرۇلمىسى ماس كەلمەسلىك،بازار تەرتىپى قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت، بەزى شەھەرلەردە ئۆي ئىجارە ئېلىش قىيىن بولۇش،ئۆي ئىجارە ئېلىش قىممەت بولۇش،ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولماسلىق يەنىلا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا بولماقتا .
    دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى، بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى نەق مەيداندا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى .



 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ 5-نۆۋەتلىك يېڭى دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىغا مۇھىم كۆرسەتمە بەردى