ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يىمىڭنى مەخسۇس زىيارەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:03
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش ئاساسى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك ــ يېقىندا مۇخبىرىمىز 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يىمىڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆزلىمىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى، ۋاڭ يىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچىنچى، تۆتىنچى پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇقىم بولىدۇ، ئومۇمەن بىرقەدەر نورمال سەۋىيەگە ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ئالاھىدە ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىچى چوڭ ئايلىنىشى ئاساسىي سۇبيېكىت قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش ــ دەل ئىچكى ـ تاشقى   مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشتىكى مۇھىم   ئىستراتېگىيەلىك تاللاش.
ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى كېڭەيتىش كېرەك، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ۋە «بازار» ــ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ساھەلەرنىڭ بىرى. ۋاڭ يىمىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىستېمالغا ئىلھام بېرىش، بازارنى جانلاندۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزگەندە، ئاساسلىقى نۇقتىلىق ساھە ۋە نۇقتىلىق كىشىلەرنى پەرقلەندۈرۈش، سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
قانداق قىلغاندا بازارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؟ ۋاڭ يىمىڭ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تەدبىر»دىن داۋاملىق تولۇق، ياخشى پايدىلىنىش، بولۇپمۇ بەزى ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يىمىڭنى مەخسۇس زىيارەت

ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش ئاساسى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ،