ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ ناۋايلىق كەسپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:02
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
شىنجاڭدا «گۆش بولمىسا مەيلىكى، نان بولمىسا بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار. شىنجاڭدا ناننىڭ مۇھىم ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە باسالمايدۇ. 2018-يىلى شىنجاڭ ناۋايلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، نان بىر خىل ئادەتتىكى ئاساسلىق يېمەكلىكتىن بىر مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى، بىر كەسىپ، بىر خىل نامراتلارنى يۆلەش تۇتقۇسىغا ئايلاندى، شىنجاڭ پۇقرالىرى ناۋايچىلىققا تايىنىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.
شىنجاڭنىڭ قەشقەردىكى غۇپۇرجان قاسىم ئىلگىرى قىلىدىغان تىجارىتى بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ بالىسى ئاغرىق بولغاچقا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ قالغان ئىدى. بۇلتۇر، غۇپۇرجان قاسىم پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ ناۋايچىلىق مەدەنىيەت كەسىپ باغچىسى بەرپا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ، كەسىپ باغچىسى رايونىدىكى ناۋاي ئۇستام بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۈنىرى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن چوڭ ئۇستام بولۇپ يېتىشىپ، نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدى.
پەيزىۋات ناھىيەسى دۆلەتنىڭ ئېغىر نامرات رايونى، بۇ يەردىكى ناۋايچىلىق كەسىپ باغچىسىدا 1200 ئىشچى-خىزمەتچى بار، قوبۇل قىلىنغان يېڭى خىزمەتچىلەر ئىچىدە نامراتلار % 60نى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار مۇشۇ ھۈنىرى، مۇشۇ خىزمىتى بولغاچقا،  نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشتىن قورقمايدۇ.
ناۋايچىلىق كەسپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، بازارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ناۋايچىلىق كەسىپ باغچىسى ناننىڭ ئەل ئىچى ھۈنىرىگە يېڭى تېخنىكىلارنى قوشۇپ، سۆسۈن بەرەڭگە نان، ياڭاق نان، قىزىلگۈل قىياملىق نان قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلار كەشىپ قىلدى ھەمدە   توردا   سېتىش   يوللىرىنى   ئاچتى. ناۋايچىلىق كەسىپ باغچىسىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل خادىمى ئەكرەمجان ئەخمەت: ئالدىنقى ئايدا توردا 100 مىڭدىن ئارتۇق نان ساتتۇق دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا كۈنىگە تەخمىنەن 650 توننا نان يېقىلىدىكەن. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە ناۋايلىق كەسپىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ ناۋايلىق كەسپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرماقتا

شىنجاڭدا «گۆش بولمىسا مەيلىكى، نان بولمىسا بولمايدۇ» دەيدىغان