ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش ـــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك خاتىرىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:02
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى «تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش _ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك خاتىرىسى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلدى.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىچكى-تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن غەمخورلۇق قىلىپ، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خەلققە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدىكى يۇرتداشلارغا غەمخورلۇق قىلدى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلدى. شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، دىن ساھەسىدىكى بارلىق زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا كۆڭۈل بۆلدى؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بەردى. ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى بىرنىيەتتە بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭنى تىرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات شانلىق سەھىپىسىنى ئاچماقتا.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش ـــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك خاتىرىسى

ـــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك خاتىرىسى