ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2021-يىللىق «ماركا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى» نى ئېلان قىلىش پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:11
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: 
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2021-يىللىق «ماركا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى»نى ئېلان قىلىش پائالىيىتى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. «كۈچلۈك ماركا دۆلىتى قۇرۇلۇشى»نى مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركەزنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ماركا كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق ماركىلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تەڭ قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. نۆۋەتتە مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭى تىپتىكى ئاساسىي ئېقىمدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. 2021-يىلى داڭلىق ماركىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، داڭلىق ماركا ھەمكارلىق ھەمراھىنى تارقىتىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرىدۇ، مىللىي ماركىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2021-يىللىق «ماركا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى» نى ئېلان قىلىش پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2021-يىللىق «ماركا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى» نى ئېلان