ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كۈچ قوشۇش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:52
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»تا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەبلەغ سېلىش ــ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قانداق قىلغاندا دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى سۇبيېكت قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ قوشقىلى بولىدۇ؟ جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭلىن يېقىندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ــ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى تەلىپى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %60 تىن ئاشتى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تولۇق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن تەمىنات بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدا ئۈنۈملۈك دەۋرىيلىكنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ۋاڭ چاڭلىن مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ سېلىشنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇردى، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ سىجىل، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ئەگىشىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئەسلىگە كەلدى، مەملىكەت بويىچە مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ ئۇدا بەش ئاي مۇسبەت ئاشتى. ئەمدى مەركەز خامچوتى ئىچىدە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق مەبلەغلەرنىڭ چۈشۈرلۈشىگە ئەگىشىپ، تۈردە ئىش باشلاش ۋە مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى داۋاملىق ياخشىلىنىدۇ، مەبلەغ سېلىش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد بار.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كۈچ قوشۇش

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»تا ئالدىنقى