ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خېفېي جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-04 17:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يوللار تورلىشىپ، ھەممە تەرەپكە تۇتىشىپ، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى قولايلاشتى، ماللارنىڭ توشۇلۇشى راۋانلاشتى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريوللاردا قاتناش باشلىنىشى-كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ماتور ئاتا قىلدى. ئەنخۇي ئۆلكىسى شەرقىي جۇڭگو رايونىغا جايلاشقان، چاڭجياڭ، خۇەيخې دەريالىرى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۆلكە مەركىزى خېفېي شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈگۈنىگە ئايلاندى. ئىلگىرىكى قاتناش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكتىن بۈگۈنكى كۈندە رايون ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىپ، ئۈزلۈكسىز زىچلىشىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى-خېفېينى چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشى مەركەزلەشكەن رايونغا ئايلاندۇرۇپ، رايون ئىقتىسادى تەڭكەش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى. ئەمدى «يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا ئولتۇرۇپ جۇڭگوغا نەزەر سالايلى» دېگەن ئالاھىدە خەۋىرىمىزنىڭ «شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ماتور ئاتا قىلىندى» دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول خېفېيغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ 500 كىلومېتىرلىق يولنى ئىككى سائەتتە ئۇچقاندەك بېسىپ بولغىلى بولىدۇ. بۇ-خېفېيدا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى مەركىزىي شەھەر شاڭخەيگە بېرىپ كېلىشتىكى ئەڭ تېز ۋاقىت.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىدا، شاڭخەيدە تۇرىدىغان رەن خۇڭفېي يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ بېلىتىنى سېتىۋېلىپ، خېفېي جەنۇبىي ۋوگزالىدىن جياڭسۇدىكى يۇرتىغا قايتتى.

يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان رەن خۇڭفېي شاڭخەيدە كۆپ يىل تىرىشىپ ئىشلىدى، كېيىن ئويلىمىغان يەردىن كەسىپنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، شاڭخەيدىن خېفېيغا باردى. رەن خۇڭفېي مۇنداق دېدى: كارخانىمىز ئەينى چاغدا زاۋۇتنى خېفېيغا سېلىشتا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئېلىپ كەلگەن قولاي قاتناش-ئالدى بىلەن ئويلاشقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى. كارخانىمىز نۇرغۇن نىشانلىق جايلارنى تەپسىلىي ئىگىلىگەن ۋە سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن خېفېينىڭ ئەسلىدە قاتنىشى ئۇنچىۋالا بەك تەرەققىي قىلغان شەھەر ئەمەسلىكىنى بايقىدى، ئەمەلىيەتتە بولسا خېفېي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ناھايىتى زىچ گىرەلەشكەن جايغا ئايلانغان ئىدى، جياڭسۇ، شاڭخەي ئەتراپىدىكى كىشىلەر خېفېيغا ماشىنا بىلەنمۇ ئىككى، ئۈچ سائەتتە بارالايتتى.

ئەمەلىيەتتە، ئىلگىرىكى تۆت تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى ئىچىدە، خېفېيدىن پەقەت شاڭخەي-ۋۇخەن-چېڭدۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىلا ئۆتەتتى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىدە، خېفېيمۇ دەريا بويى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، بېيجىڭ-جيۇلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، خېفېي-چىڭداۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئىقتىساد چوڭ تومۇرىغا ئارقا-ئارقىدىن يۇغۇرۇلدى.

خېفېي-نەنجىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، خېفېينىڭ قاتناش جەھەتتىكى ھالقىلىق يېتەرسىزلىكى تولۇقلىنىپ، خېفېي چاڭجياڭ دېلتىسىغا رەسمىي يۇغۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى تەدرىجىي شەكىللەندى. خېفېي ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى خېفېي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى جەنۇبىي ۋوگزالى ئەمدىلا پۈتكەندە، ھەر كۈنى ئاران سەككىز يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتنايتتى، كۈنىگە ئوتتۇرىچە تۆت مىڭ ئەتراپىدا يولۇچى توشۇلاتتى؛ 2019-يىلىغا كەلگەندە، خېفېي جەنۇبىي ۋوگزالىدا كۈنىگە ئوتتۇرىچە توشۇلغان يولۇچى 75 مىڭ 200 ئادەمگە يەتتى، ھەر كۈنى قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز 360 تىن ئاشتى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، يۇقىرى سەۋىيەلىك دوستلار چەمبىرىدە تۇرغان خېفېي چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ ياسىمىچىلىقىنى يۆتكەيدىغان تەننەرخى تۆۋەن جايغا ئايلىنىپ، زامانىۋى چوڭ ئوبوروتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى بىلەن سىرتىنى تۇتاشتۇرغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈردى. خېفېي يېڭى ۋوگزالى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونى ئىقتىساد-سودا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن خۇڭ مۇنداق دېدى: چاڭجياڭ دېلتىسى قاتارلىق جايلارنىڭ مول بايلىقى خېفېيغا توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بازارلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، خېفېينىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ، ئوچۇق بازار بىلەن تەمىنلىدى. بىزنىڭ پۈتكۈل يېڭىچە ئېكران كەسىپ توپىمىزدا، سۇيۇق كىرىستال، OLEDنى چۆرىدىگەن ناھايىتى ئەتراپلىق كەسىپ زەنجىرى ۋە كەسىپ ئېكولوگىيەسى شەكىللەندى. بىز پۈتكۈل ئېكران كەسپىدە، 2022-يىلىغىچە 200 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق كەسىپ قىممىتىنى قولغا كەلتۈرىمىز.

2020-يىلى، ۋېيلەي ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ جۇڭگو باش ئورگىنى، ئاممىباب يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل شىركىتى ئارقا-ئارقىدىن خېفېيغا ماكانلاشتى، خېفېينىڭ يۈز مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپگە ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن زور.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ تۇتاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ئەنخۇينىڭ خېفېيدىن شاڭخەينىڭ جاڭجياڭغىچە بولغان چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ غەرب بىلەن شەرق تەرىپىدە ئىككى چوڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم-پەن مەركىزىي جىددىي قۇرۇلماقتا، بۇلار يىراقتا تۇرۇپ ماسلىشىش ئارقىلىق، بۇ يىل چاڭجياڭ دېلتىسى كەسىپ زەنجىرىنىڭ رايون ھالقىغان تەڭكەش تەرەققىياتى يەنىمۇ تېزلەشتى. خېفېي شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى نيۇ يىلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خېفېي ھازىر چاڭجياڭ دېلتىسى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاشنى نىشانلاپ، يېڭى ئەۋلاد ئېكران، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭى تېخنىكىلارنى چۆرىدەپ، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرماقتا. خېفېي بىلەن چاڭجياڭ دېلتىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ئەزەلدىن بۈگۈنگىدەك بۇنداق راۋان بولۇپ باقمىغان. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خېفېي جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلدى

يوللار تورلىشىپ، ھەممە تەرەپكە تۇتىشىپ، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى قولايلاشتى، ماللارنىڭ توشۇلۇشى راۋانلاشتى