ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2020-يىللىق «ئىجادىي ئىقتىساد مۇنبىرى» نىڭ تور ۋىدېيو يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-17 16:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

2020-يىللىق «ئىجادىي ئىقتىساد مۇنبىرى»نىڭ تور ۋىدېيو يىغىنى 16-نويابىر ئېچىلدى. ئىجادىي ئىقتىسادنى تەڭ بەرپا قىلىپ، كەلگۈسىدە تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى بولدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق سىياسىي، سودا رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار توردا ۋىدېيو ئارقىلىق بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى مۇنبەردە «پۇل مۇئامىلە»، «سودا»، «شەھەر»، «كىلىمات ئۆزگىرىشى» ۋە «سەھىيە ساغلاملىق» قاتارلىق بەش يىغىن باش تېمىسى تەسىس قىلىندى. نۇرغۇن سىياسىي، سودا رەھبەرلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار بەش چوڭ ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يۇقۇمغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كېيىنكى يۇقۇم دەۋردىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم تېمىلارنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2020-يىللىق «ئىجادىي ئىقتىساد مۇنبىرى» نىڭ تور ۋىدېيو يىغىنى ئېچىلدى

2020-يىللىق «ئىجادىي ئىقتىساد مۇنبىرى»نىڭ تور ۋىدېيو يىغىنى 16-نويابىر ئېچىلدى.