ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 15:41

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يىل ئاخىرى بولۇپ قالدى، بارلىق دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىپ خاتىرجەم يېڭى يىل ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، 6-نويابىردىن باشلاپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى يىلتىزىدىن تۈزەش قىش پەسىللىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى پۈتۈن مەملىكەتتە قانات يايدۇرۇلدى. جۇڭشىن جىڭۋېي تېرمىنالىنىڭ بايقىشىچە، يېقىندا تيەنجىن، خېبېي، خېنەن، لياۋنىڭ قاتارلىق 10 ئۆلكە، شەھەر ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى يىلتىزىدىن تۈزەش قىش پەسىللىك مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ھوقۇقى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغان.

گوۋۇيۈەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى يىلتىزىدىن تۈزەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يېقىندا «ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى يىلتىزىدىن تۈزەش قىش پەسىللىك مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2020-يىلى 6-نويابىردىن 2021-يىلى چاغانغىچە پۈتۈن مەملىكەتتە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى يىلتىزىدىن تۈزەش قىش پەسىللىك مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەشنى قارار قىلدى.

جايلار تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئىش ھەققىنى قانۇنغا خىلاپ نېسى قالدۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتا ئىككىنى ئېنىقلاشنى ئىشقا ئاشۇردى يەنى، 2020-يىلى يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇش تۈرى، دۆلەت كارخانىلىرى تۈرى ھەمدە تۈرلۈك ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىق تۈرىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلولىرىنىڭ ھەممىسىنى 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىپ بولۇش، باشقا ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلولىرىنى 2021-يىلى چاغاندىن بۇرۇن قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالايدۇ

يىل ئاخىرى بولۇپ قالدى، بارلىق دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىپ خاتىرجەم يېڭى يىل ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، 6-نويابىردىن باشلاپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى يىلتىزىدىن تۈزەش قىش پەسىللىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى پۈتۈن مەملىكەتتە قانات يايدۇرۇلدى.