ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىزدىكى قىيىنچىلىقى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلاردىن 14 مىليون 460 مىڭى كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 16:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 19-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جۇڭ، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئوۋ چىڭپىڭ ۋە گەنسۇ ئۆلكىسى، نىڭبو شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالى ۋە ئاساسلىق ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئېلىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى زورايتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

بىرىنچى، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى زور دەرىجىدە ئاشتى، بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم بەردى. 2016-يىلىدىن 2020-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە نامرات ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 15 مىليون 270 مىڭدىن 29 مىليون 730 مىڭغا كۆپەيدى، %90تىن كۆپرەكى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ياردىمىگە ئېرىشتى.

ئىككىنچى، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچەيدى.

ئۈچىنچى، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن نامرات ئەمگەك كۈچلەرنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىش مۇقىملىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى.

تۆتىنچى، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوزغىتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسى مۇستەھكەملەندى. نامرات ئەمگەك كۈچلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارقىلىق، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى، نامرات ئاھالىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىزدىكى قىيىنچىلىقى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلاردىن 14 مىليون 460 مىڭى كۆپەيدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 19-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جۇڭ، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئوۋ چىڭپىڭ ۋە گەنسۇ ئۆلكىسى، نىڭبو شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالى ۋە ئاساسلىق ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى