ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قوش ئايلانما سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-09 16:12

«تۇنجى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتايلى» ماۋزۇلۇق نوپۇزلۇق سۆھبىتىمىزدە جۇڭگو ئاۋازىنىڭ سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس زىيارىتى

سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سودا خىزمىتى ئىچكى-تاشقى ئىشلارنى، شەھەر بىلەن يېزىلارنى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تۇتاشتۇرىدۇ، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنى، كېيىنكى قەدەمدە مەۋقەنى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىغا قارىتىپ، ئەنئەنىۋى ئىستېمال ئېنېرگىيە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە ئىستېمالنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمال بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۇپىسىنى ياخشىلايمىز.

ۋاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: تاۋار ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق چوڭ تاۋارلارنىڭ ئىستېمال زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، شۇنداقلا مەھەللە تۇرمۇش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇپ، ئائىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىغىمىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز يەنە يېزا-كەنت ئىستېمالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارغا كىرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئەشيا ئوبوروتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-بازار سودا مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، شەھەر-يېزا ئىستېمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن بەرپا قىلىمىز.

ۋاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى ۋە خەلقئارا بازار ئۈلۈشىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، چەتئەل مەبلىغى تەتۈر ئېشىپ، تاشقى سودا مەبلىغىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش نىشانى ئەمەلگە ئاشتى. بۇ يىل تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچ سەرپ قىلىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلايمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قوش ئايلانما سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلايلى

«تۇنجى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتايلى» ماۋزۇلۇق نوپۇزلۇق سۆھبىتىمىزدە جۇڭگو ئاۋازىنىڭ سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس زىيارىتى