ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىستانسىمىزنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش جامائەتچىللىك ھەرىكىتىنى باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-09 16:12

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «داڭلىق مارىكا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى» 2021-يىللىق خۇبېيغا ياردەم بېرىش جامائەتچىللىك ھەرىكىتى بېيجىڭ، ۋۇخەن ئىككى جايدا دەرقەمدە تۇتاشتۇرۇلۇپ باشلاندى. ئىستانسىمىز داۋاملىق 500 مىليون يۈەنلىك ئېلان بايلىقى ۋە تېخىمۇ كۆپ سۇپا، تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، خۇبېينىڭ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ خۇبېيدا ياسالغان مەھسۇلاتلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، خۇبېي ئىقتىسادىنىڭ تېز يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئىستانسىمىز خۇبېيغا ياردەم بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جامائەتچىللىك ھەرىكىتىدە خۇبېينى 500 مىليون يۈەنلىك ئېلان بايلىقى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەن، خۇبېينىڭ يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، مەدەنىيەت-ساياھەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردىكى 63 خىل مەھسۇلاتى ئىستانسىمىزنىڭ 14 قانىلىدا 12 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرسىتىلگەن، ئىستانسىمىز قوزغىغان « قول تۇتۇشۇپ ياردەم بېرىش»، «خۇبېي ئۈچۈن زاكاز قىلغىنىڭىزغا رەھمەت» قاتارلىق جامائەتچىل بىۋاسىتە كۆرسىتىش، مال سېتىش پائالىيىتى ئارقىلىق خۇبېينىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىستانسىمىز يەنە «داڭلىق ماركا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى»غا تاللانغان كارخانىلار ۋە ھەمكارلاشقان كارخانىلارنى تەشكىللەپ، خۇبېيغا 5 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىستانسىمىزنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش جامائەتچىللىك ھەرىكىتىنى باشلاندى

مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «داڭلىق مارىكا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى» 2021-يىللىق خۇبېيغا ياردەم بېرىش جامائەتچىللىك ھەرىكىتى بېيجىڭ، ۋۇخەن ئىككى جايدا دەرقەمدە تۇتاشتۇرۇلۇپ باشلاندى.