ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز يەر شارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ خەۋەرلىشىش تورى قۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 16:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

ئېلىمىز «13-بەش يىل» دا دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مۇقىم ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، مەمۇرىي كەنتلەردىكى ئوپتىك تالا ۋە 4G نىسبىتىنى %98 تىن ئاشۇردى، 5Gنى سودىغا رەسمىي ئىشلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى.

جياڭبا سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى ئوبلاستى شىندۇچياۋ بازىرى جۈلى كەنتىنىڭ ئاھالىسى. جياڭبا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۈلى كەنتى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، چەت، يىراق تاغلىق رايونغا جايلاشقان، ئىلگىرى تېلېفونمۇ ئۇلانمىغان، تورغا چىقىشنى تېخىمۇ تىلغا ئالغىلى بولمايتتى.

بۈگۈنكى كۈندە تېلېگراف ئومۇمىي مۇلازىمىتى جۇغراپىيەلىك مۇھىتتىن شەكىللەنگەن خەۋەرلىشىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، جۈلى كەنتى كۆچمە كەڭ بەلباغلىق تورىنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى كەڭ بەلباغلىق تور سۇپىسى ئارقىلىق شۇ جاينىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان بولدى.

«13-بەش يىل» نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئېلىمىزدە يەنىلا تەخمىنەن 50 مىڭ مەمۇرىي كەنتتە كەڭ بەلباغلىق تور يوق ئىدى، 150 مىڭ مەمۇرىي كەنتتە كەڭ بەلباغلىق تورنى تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارى تۆت مىگابايتقا يەتمەيتتى، شەھەر رايونلىرى بىلەن بىر قەدەر چوڭ پەرق بار ئىدى. 2015-يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت يېزا ۋە چەت، يىراق، نامرات رايونلاردا ئوپتىك تالا ۋە 4G تورى قاپلىغان تېلېگراف ئومۇمىي مۇلازىمەت ھەرىكىتىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە مەمۇرىي كەنت، نامرات كەنتلەردە ئوپتىك تالا ۋە 4G نىڭ نىسبىتى %98 تىن ئېشىپ، «13-بەش يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىرىك پىلانى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كەڭ بەلباغلىق تور ئارقىلىق %90 تىن ئارتۇق نامرات كەنتنى قاپلاش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

2015-يىلى، دۆلەت سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، يانفوننىڭ دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق كەزمە مۇلازىمەت ھەققى، ئېقىم مىقدارى كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدە مۇقىم كەڭ بەلباغلىق تور ۋە يانفون ئېقىم مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەققى %95تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى، كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈرۈش سۈرئىتى يەتتە ھەسسە ئاشتى.

بۇ بەش يىلدا، ئېلىمىزنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدا 2G بوش قېلىش، 3Gغا ئەگىشىش، 4G بىللە مېڭىشتىن 5G يېتەكچىلىك قىلىشقا ئۆتۈشتەك زور بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نۆۋەتتە، دۇنيا بويىچە 5G ئۆلچىمى زۆرۈر پاتېنت باياناتىدا، ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئېلىمىزدە قۇرۇلۇپ ئېچىلغان 5G ئاساسىي پونكىتى 700 مىڭدىن ئاشىدۇ. 2019-يىلى ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى 35 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %67.7كە يېتىپ، 2015-يىلىدىكىدىن 36 پوئېنت ئاشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز يەر شارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ خەۋەرلىشىش تورى قۇردى

ئېلىمىز «13-بەش يىل» دا دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مۇقىم ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، مەمۇرىي كەنتلەردىكى ئوپتىك تالا ۋە 4G نىسبىتىنى %98 تىن ئاشۇردى، 5Gنى سودىغا رەسمىي ئىشلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى.