ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-14 10:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ سىناق نۇسخىسى بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلدى.

«بەلگىلىمە»دە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي پىرىنسىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىش تەقسىماتى ۋە باشلاش مېخانىزمى، ھادىسىگە ئاساسەن دېلو تۇرغۇزۇش، تەكشۈرۈش تەدبىرى، دەلىل-ئىسپات تەلىپى، نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن ۋاقتىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يوليورۇق سوراپ، دوكلات قىلىپ، مۇھىم ئىشلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلاپ قارار قىلىشىغا سۇنۇش شەرت.

«بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسىگە چېتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، شۇنىڭدەك تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ياكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ياكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، شۇنىڭدەك تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىغا ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى چىقىرىدۇ ياكى بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ. ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتكە چېتىشلىق بولسا تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ شىكايەت قىلىشىغا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەر دەرىجىلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلار، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە رەھبىرىي خادىملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن-نىزاملىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولماسلىق، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ؛ ھادىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ئورۇنلارغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش تەكلىپى ياكى رېۋىزىيە تەكلىپى بېرىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى بىرلىكتە «پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنىڭ سىناق نۇسخىسى»نى تارقىتىپ، ئالاقىدار تارماقلار ئارىسىدىكى ئىش تەقسىماتى، يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ماتېرىيالنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش، سىرتقا ئېلان قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى

يېقىندا «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ سىناق نۇسخىسى بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلدى.