ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىللىق ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-14 15:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش خىزمىتى ۋىدىيو يىغىنى يېقىندا ئېچىلدى. يىغىندا، «13-بەش يىل»دىكى ئۈنۈملەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، «14-بەش يىل»دىكى تەپەككۇر توغرا ئىگىلىنىپ، 2021-يىللىق ئاشلىق ئوبوروتى ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى خې لىفېڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، 2021-يىللىق ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بەشكە «دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

خې لىفېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك كاپالىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش سىستېمىسى-ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ۋە دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىلگىرىلەپ، پۇختا ئىشلەپ، ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئىسلاھ قىلىش، قانۇن چىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت زاپاس ساقلاش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتنى چىڭ تۇتۇپ، بازار ۋە ئوبوروتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى تىرىشىپ ياخشى قىلىپ، ئاساسنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، زاپاس ساقلاش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، قاتتىق ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال ئۈستىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، ئاساسنى پۇختىلاش رولىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇرغۇن چوڭ ئىش، يېڭى ئىشلارنى قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يىللىق ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

مەملىكەتلىك ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش خىزمىتى ۋىدىيو يىغىنى يېقىندا ئېچىلدى.