ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«نەمۇنىچى، ئۈلگە بولۇش، ئالدىدا مېڭىش» تىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى زىممىمىزگە ئالايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-15 09:10

«تۇنجى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ يېڭى كەيپىيات يارىتايلى» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك نوپۇزلۇق سۆھبىتىمىزنىڭ «نەمۇنىچىلاردىن بولۇش، ئۈلگە بولۇش، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش» شەرەپلىك بۇرچىنى زىممىمىزگە ئالايلى» دېگەن قىسمى.

ئىستانسىمىز مۇخبىرى بۇ ھەقتە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ چىنجيەننى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

ئۆتكەن بىر يىلدا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئون تىرىليون يۈەنلىك سۇپىدىن بۆسۈپ ئۆتتى. ياسىمىچىلىق كۆلىمى، سانائەت ئومۇمىي پايدا سوممىسى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە بىرىنچىلىكنى داۋاملىق ساقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

ئون تىرىليون يۈەنلىك سۇپىدا تۇرۇپ، «14-بەش يىل» نىڭ يېڭى باشلىنىشى، يېڭى كەيپىياتىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ لۇ چىنجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جياڭسۇ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇش بىلەن بىللە، «بىر مەركەز، بىر بازا، بىر تۈگۈن» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى كېرەك.

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لۇ چىنجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جياڭسۇ ئۆلكىسى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك ئۆلكە، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ چىقىدۇ. لۇ چىنجيەن مۇنداق دېدى: جياڭسۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز، ھەجىمى چوڭ، لېكىن «تېز بولۇشنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق مەسىلىسى، چوڭ بولۇش بولۇشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىيىنچىلىقى» بار، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«نەمۇنىچى، ئۈلگە بولۇش، ئالدىدا مېڭىش» تىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى زىممىمىزگە ئالايلى

ئىستانسىمىز مۇخبىرى بۇ ھەقتە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ چىنجيەننى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.