ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزگىچە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت تەدبىر»نى تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 09:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزگىچە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت تەدبىر»نى تارقىتىپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە مەملىكەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتىكى تەجرىبە-ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

«سىياسەت تەدبىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有