ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 15:28

ۋاڭ ياڭ دىن ئىشلىرى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدا مەملىكەتلىك دىن ئىشلىرى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
  ۋاڭ ياڭ ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى. ۋاڭ ياڭ ھەرقايسى دىن ئىشلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ 2020-يىلى ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، 2021-يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى دىن ئىشلىرى تەشكىلاتلىرى ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە خىزمەتلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ ۋە پىلانلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ياخشى باشلىنىپ، قەدەمنى ياخشى تاشلىشىغا تۆھپە قوشۇشى لازىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «بەشنى تونۇش»نى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە دىن ئىدىيەسى سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. دىنىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دىنىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۆلىمى مۇۋاپىق، سۈپىتى ياخشى، پەلەمپەيسىمان مۇۋاپىق دىنىي خادىملار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىچكى تۈزۈم ۋە قائىدىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك دىنىي قالايمىقانچىلىقلارغا قارشى كۈرەشتە دىن ئىشلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چاغان مەزگىلىدە ئادەت خاراكتېرلىك دىنىي پائالىيەتلەر نىسبەتەن مەركەزلەشكەن بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىمكانقەدەر ئاز يىغىلىش، ئاز يۆتكىلىشكە يېتەكلەش كېرەك.
  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىن ئىشلىرى تەشكىلاتلىرى − پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىن خىزمىتىگە، دىنىي زاتلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىققا باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار دىنىي ساھەدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىن ئىشلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى ئۈچ ئۆز ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.


 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدا مەملىكەتلىك